مەسىلىگە يولۇقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا مېنى ئىزدەڭ!

ۋورد پىرەس ئۇسلۇبى، ۋورد پىرەستە بېكەت قۇرۇش توغۇرلۇق ئىشلاردا مەسىلىگە يولۇققان بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ. بەلكىم مېنىڭ ياردىمىم تېگىشى مومكىن.

ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش

مەن ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈردۈم، ئۇسلۇبنى تىز ھەم سۈپەتلىك قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ چىقالايمەن. بۇ مەن ئەڭ ماھىر ئىشلارنىڭ بىرى.

ئۇسلۇب ياساش

ھازىرغا قەدەر 5 تىن ئارتۇق ئۇسلۇب ياساپ چىقتىم، ئۇسلۇب ياساشتىمۇ ئاساسەن قىينالمايمەن. بىلوگىمنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبىنىمۇ ئۆزۈم ياسىغانمەن.

ئوخشىتىپ ياساش

كۆرۈنمە يۈزى ياخشى بولغان ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدىكى تور بېكەتلەر بولسا شۇ بېكەتكە ئوخشىتىپ ۋور دپىرەس ئۇسلۇبى يېزىپ چىقالايمەن، بۇمۇ بىر ئاسان ئىش.

بېكەت قۇرۇش

ۋورد پىرەستە بېكەت قۇرماقچى بولسىڭىز، تېخنىكا جەھەتتىن قىينالسىڭىز مېنى ئىزدەڭ، مەن بېكەتنى قۇرۇپ يازما يوللىغۇدەك قىلىپ تەڭشەپ بىرەلەيمەن.

HTML بەت ئۆزلەشتۈرۈش

HTML بەتنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتىن پەرىقلەنمەيدۇ، بۇمۇ مەن قىلىشقا ماھىر ئىشلارنىڭ بىرى. تىز سۈرئەتتە ئىشنى پۈتتۈرەلەيمەن.

باشقا مۇلازىمەتلەر

مېنىڭ بىلوگىمغا كىرىپ بىر قۇر ئايلىنىپ چىقسىڭىز مېنىڭ نىمىلەرنى قىلالايدىغىنىمنى بىلىۋالالايسىز، مېنى قىلالايدۇ دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ.

مەن قىلغان ئىشلاردىن بىر نەچچىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئاستىدىكىلىرى مەن ياسىغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى، بۇلار پەقەت مەن قىلغان ئىشلارنىڭ بىر قىسمى خالاس.